پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مالىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئابباس شۇ كۈنى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ھەمدۇللا ۋە مالىيە مىنىستىرىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ھەققىنى ھەمدە ئىلگىرى ئالغان تۇرالغۇ تولۇقلىمىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئابباس «ھەر خىل ناملار، ھەر خىل دەرىجىدىكى» زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقى، مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى بىلەن بەھرىمەن بولىۋاتقان ئىمىتىيازنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پەلەستىن تاراتقۇلىرى بۇ يىل 5-ئايدا ھەمدۇللانى ئۆزئىچىگە ئالغان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ 2017-يىلى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر ئاممىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئابباس 6-ئايدا مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ بۇ ئىشنى تەكشۈرگەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ