جونسۇن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىنى كۈتۈۋالدى
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسۇن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلگە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، يېڭى كېلىشىمگە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جونسۇن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىدىكەن، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى 8- ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ بىئارىتىزدا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالدىن كۆرۈشىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى سارىيىدىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جونسۇن ياۋروپا رەھبەرلىرىگە مەيلى كېلىشىم بولسۇن ياكى كېلىشىم بولمىسا، ئەنگلىيە 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدۇ، پارلامېنت ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ دېگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ