سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارى: نېفىتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى بىراق زىيان ناھايىتى ئاز بولدى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە قېزىلما بايلىق ۋەزىرى خالىد فالىخ 8-ئاينىڭ 17 -كۈنى مۇنداق دېدى: شەرقىي قىسىمدىكى شىبا نېفىتلىكىدىكى بىر تەبىئىي گاز ئەسلىھەسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، لېكىن زىيان ناھايىتى ئاز بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئۆزى كونترول قىلىپ تۇرغان ماسىلا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق، 10 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت نېفىت شىركىتىنىڭ شىبا نېفىتلىكىدىكى نېفىت ئايرىش ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ