يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆتكۈنچى كومىتېت ئادىننىڭ بىر قىسىم ئىشغالىيەت رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈردى
يەمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ 8-ئاينىڭ 17 -كۈنى ئاشكارىلىشىچە، جەنۇب ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئۆزىنىڭ ئادىن شەھىرىدە ئىشغال قىلغان قىسمەن رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارىتىپ بەرگەن. شۇ كۈنى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، جەنۇب ئۆتكۈنچى كومىتېتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئادىن شەھىرىدە ئىشغال قىلغان مۇھىم ئاپپاراتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا بىناسى، مەركىزىي بانكا، ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئادىن دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى ئېريانى شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ جەنۇب ئۆتكۈنچى كومىتېتىدىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ