مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.08.20 16:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان 8-ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۆزىنىڭ تاراتقۇ ھېسابات نومۇرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كەشمىر مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىمرانخان مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كەشمىر رايونىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كەشمىر مەسىلىسىگە ئائىت كۆپ تۈرلۈك قارارنى ماقۇللىغان، بۇ قېتىمقى كېڭىشىش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قارارلارنى قايتا تەكىتلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8-ئاينىڭ 16 -كۈنى ھىندىستان - پاكىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بىرەسمىي كېڭىشىش ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى كەشمىر ۋەزىيىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستان - پاكىستان ھەربىي كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئوتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ