ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتى كەشمىر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىزچىل جىددىي بولۇۋاتقان پەيتتە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : يېڭى دېھلى ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان «ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك» سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ئەگەر ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى داۋاملىق كۈچەيسە، ھىندىستان بۇ سىياسەتكە ئەمەل قىلامدۇ-يوق؟ بۇ ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
بۇ يىل 8-ئايدا ھىندىستان، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ «ئالاھىدە ئورنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېزدىن جىددىيلىشىپ كەتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ھەربىي كۈچلىرى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىسا، ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشىگە ئۇچرايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ