رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. ئارقىدىن دانىيەگە قاراشلىق گىرېنلاندىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، گىرېنلاندىيە سودا ھەمكارلىقىنى قارشى ئالىدۇ، لېكىن بۇ ئارال سىرتقا سېتىلمايدۇ دېدى.
تىرامپنىڭ ئارالنى سېتىۋالماقچى بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن قىزغىن مۇنازىرە قوزغالدى. بەزى تەھلىلچىلەر ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار دەپ گۇمان قىلدى. ئۇلار يەنە نەزەرىيە جەھەتتە، بۇ ئارالنى سېتىۋېلىش ئامېرىكىنىڭ شىمالى قۇتۇپتىكى ئورنىنى كۈچەيتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ سودىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناھايىتى تەس دەپ ھېسابلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، گىرېنلاندىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تاراتقۇلاردا مۇنداق دېدى : بىز سودا ھەمكارلىقىنى قارشى ئالىمىز، لېكىن بۇ ئارالنى سىرتقا ساتمايمىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ