مالايسىيا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېن جىچىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كۇئالالۇمپۇردا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مالايسىيا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئىختىساسلىقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
شېن جىچىن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. شېن جىچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا-جۇڭگو ھەمكارلىقى ھەر قايسى ساھەلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ