مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەمدە يەھۇدىيلار مەھللىسى نۇقتىسىنى داۋاملىق كېڭەيتكەنلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

2019.08.20 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى ئايال ئەزاسى، يېقىندا پەلەستىننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا بېرىپ تۇغقان يوللىماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق شەرت قويۇشىغا ئۇچرىدى.

  ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن ئويلىشىپ، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئايال ئاۋام پالاتا ئەزاسى راشىدە تالىپنىڭ ئىيوردان دەرياسىغا بېرىپ تۇغقان يوقلىشىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  بىراق، تالىپ كېيىنرەك بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى ئىزا - ئاھانەت تۈسىنى ئالغان «زۇلۇم خاراكتېرلىك شەرت» قويدى دەپ ئەيىبلەپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا بارمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  تالىپ ۋە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر ئايال ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلخان ئۆمەر ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى شەھەر رام-ئاللاھ، بېتلېخېم، ھېبلۇن ۋە شەرقىي يېرۇسالېمغا بارماقچى بولغان. يۇقىرىقى رايونغا كىرىش ئۈچۈن، ئۇلار چوقۇم ئىسرائىلىيە كونتروللۇقىدىكى ئايرودۇرۇم ۋە چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 15 -كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش، پەلەستىننى قوللاش مەيدانىدا تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايونغا بېرىشىنى رەت قىلدى.

  تالىپ بىلەن ئۆمەر تۇنجى تۈركۈمدە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان، تالىپ بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان تۇنجى پەلەستىنلىكنىڭ پۇشتىدىن بولغان مۇسۇلمان.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 8-ئاينىڭ 15 -كۈنى مۇنداق دېدى : ئەگەر تالىپ ئىنسانپەرۋەرلىكنى باھانە قىلىپ تۇغقان يوقلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا ھەمدە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرماسلىققا ۋەدە بەرسە، ئىسرائىلىيە ئۇنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قايتىدىن ئويلىشىدۇ.

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تالىپ ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بولۇپمۇ 90 ياشقا كىرگەن مومىسىنى يوقلىماقچى بولۇپ، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن دېگەن. تالىپ يازما ۋەدە بېرىپ: زىيارەت مەزگىلىدە، بارلىق چەكلىمىلەرگە بويسۇنىمەن، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشنى تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانمايمەن » دېگەن.

  ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالىيە دېھلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تالىپنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ تالىپنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياج بىلەنلا چەكلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تالىپ بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مومىسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىنىڭ يۇقىرى بېتئور كەنتىدە ياشايدىكەن.

  تالىپ 8-ئاينىڭ 16 -كۈنى كەچتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىيوردان دەرياسىغا بارمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىسرائىلىيە تەرەپ زۇلۇم خاراكتېرلىك شارائىت قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى. ئۇ « مېنى ھاقارەتلەيدىغان بۇ زۇلۇم خاراكتېرلىك شەرتلەر ئاستىدا، مومامنى يوقلىسام، مومامنىڭ يۈرىكىمنى پارە - پارە قىلىۋېتىدۇ دېدى.

  ئىسرائىلىيە 1967 - يىلىدىكى 3 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا شەرقىي يېرۇسالېم ۋە ئىيوردان دەرياسى رايونىنى ئىشغال قىلغان، كېيىن بۇ رايونلاردا يەھۇدىيلار مەھللىسى نۇقتىسى قۇرۇشقا باشلىغان. ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەمدە يەھۇدىيلار مەھللىسى نۇقتىسىنى داۋاملىق كېڭەيتكەنلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  ئۆمەر بىلەن تالىپ ئىلگىرى «توسۇش، مەھرۇم قىلىش، جازالاش ھەرىكىتى » نى، يەنى بىر مەيدان پەلەستىنلىكلەر قوزغىغان خەلقئارا ھەرىكەتنى ئاشكارا قوللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلستىن زېمىنىنى ئىگىلىشىگە ۋە يەھۇدىيلار مەھللىسى نۇقتىسىنى كېڭەيتىشىگە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە ۋە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشنى رەت قىلىشىغا قارشى تۇرغان.

  ئىسرائىلىيە ئىلگىرى ئۆمەر بىلەن تالىپنىڭ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ «تەكلىپى»نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن. چۈنكى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆمەر بىلەن تالىپ قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىقلار پۇشتىدىن بولغان دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ تۆت ئايال پارلامېنت ئەزاسى يېقىندا تىرامپنىڭ«كۆزگە قادالغان مىخ»غا ئايلاندى. تىرامپ ئۇلارغا قوپال گەپ قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 7-ئايدا ترامپنىڭ «ئىرقچىلىق سۆزلىرى»نى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ