ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدا ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كەسكىن بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشقا توسقۇن قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئاينىڭ 16 -كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى باش ۋەزىر جونسۇن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئۇلار قوزغىغان پىلان ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسۇن كېلىشىم ھاسىل قىلىش - قىلماسلىقتىن قەتئىينەزەر، ئەنگلىيەنى باشلاپ 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى پارلامېنتتا تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان. كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكۈنچى كېلىشىم بولمىغان ئەھۋالدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا قارشى تۇرغان.
پارلامېنت بولسا جونسۇنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى تاقەتسىزلىك بىلەن ئامال قىلىپ ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈش ياكى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى كېچىكتۈرمەكچى بولدى.
ئەنگلىيە لىېبۇروسلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كولبىن مۇنداق دېدى : پارلامېنت ئەزالىرى ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىپ ھەمدە ئۇنىڭ « قاتتىق ۋاقىت چەكلىمىسى بار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت » كە رەھبەرلىك قىلىشىنى قوللاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى كېچىكتۈرۈشى كېرەك.
كوربىن مۇنداق دېدى : «بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش ھوقۇقى يوق، شۇڭا مەن بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار چاغدا، ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىشنى بالدۇرراق ئوتتۇرىغا قويىمەن.جونسۇن تۇرۇشلۇق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى ئەزالار بىز كوربىننىڭ تەكلىپىنى ئاڭلايمىز دېدى.
كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى بېبون مۇنداق دېدى : « كوربىن قىسقا مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوستېركىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پارتىيەسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى 35 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى توختىتىدىغان بارلىق تۈرلەرنى ئىزدەيدىكەن، ئۇ كوربىننى قوللاشنى يوققا چىقارمايدىكەن.
لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا قارشى تۇرىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى شى ۋېنسېن كوربىن جىددىي ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغان مۇۋاپىق نامزات ئەمەس دېدى. تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە: بۇ كولبىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
شى ۋېنسىن مۇنداق دېدى: بىز مەملىكەت خاراكتېرلىك كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىز بەلكىم بىر جىددىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ كىرىزىسنى ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئەگەر كوربىن ھەقىقەتەن بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسا، ئۇ ئۆزىمۇ رەھبەرلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شى ۋېنسېن بىر نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن بۇنى كوربىن قوبۇل قىلمايدىكەن.
ئەنگلىيەنىڭ سايلام قانۇنىغا ئاساسەن، ئەگەر ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئۆتەلمىسە، يەنە بىر پارتىيە 14 كۈن ئىچىدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت ئۇلارنىڭ پارلامېنتتىكى 650 ئورۇندىكى كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.
جونسۇننىڭ پارلامېنتتىكى ئۈستۈنلۈكىدە پەقەت بىرلا ئورۇن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئىلگىرى ئاۋاز بېرىشتە جونسۇن ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان بىر قانچە پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار. ئەگەر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 14 ئاۋازى بولمىسا، كوربىننىڭ پىلانىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : كوربىن ۋە ئۇنى قەتئىي قوللايدىغانلار كەمچىل بولسا، باشقا ھەرقانداق پىلانمۇ يېڭەلمەيدۇ.