جۇڭگونىڭ لائوستىكى ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى

2019.08.20 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  19-ئاۋغۇست، لائوسنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لاڭبراباڭ ئەتراپىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر 14-ئىدارىسى جۇڭگو-لائوس تۆمۈريول تۈرى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىلىرى قۇتقۇزۇشقا قاتناشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر 19-ئاۋغۇست لائوستا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ لائوستىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى 19-ئاۋغۇست سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى لائوسنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لاڭبراباڭغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ لائوستىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە لاڭبراباڭدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ بىرلەشمە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ لاڭبراباڭ كۇنسۇلخانىسىدىكى باش كونسۇلى لى جىگۇڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قاراپ يولغا چىقتى ھەمدە شۇ كۈنى كەچ سائەت 20 لەر ئەتراپىدا يېتىپ كېلىپ، لائوس ھەربىي- ساقچىلىرى ۋە يەرلىك قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئاپتوبۇستا 46 كىشى بار بولۇپ، 44 جۇڭگو پۇقراسى ۋە لائوس تەرەپتىن ئىككى خادىم بار ئىكەن. 20- چېسلا سەھەرگىچە، جۇڭگو پۇقرالىرىدىن سەككىز ئادەم قازا قىلغان، 29 ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، ئالتە ئادەم قاپسىلىپ قالغان، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئىشلەنمەكتە.

  لائوستا ھازىر يامغۇر پەسلى بولۇپ، تاغلىق يولنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار. جۇڭگونىڭ لائوستىكى ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ لائوستا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى، تاغلىق رايوندا ئاپتوموبىل قاتنىشىنى ئازايتىشنى، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ