مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خۇاۋېيغا بولغان سودا مەنئى قىلىشىنىڭ بىر قىسىم بۇيرۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈردى

2019.08.20 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 19- چېسلا بىر تۈر «ۋاقىتلىق ھەممىباب ئىجازەت»نى 90 كۈنگە ئۇزارتىپ، خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سودا چەكلەش بۇيرۇقىنى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈپ، چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشنى قارار قىلدى.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 19- ئاۋغۇستتىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، «ۋاقىتلىق ھەممىباب ئىجازەت»گە ئېرىشكەن ئامېرىكا كارخانىلىرى خۇاۋېي ۋە غەيرىي ئامېرىكا شۆبە شىركەتلىرىگە «ئالاھىدە بېكىتىلگەن» ۋە «چەكلىك» مەھسۇلات ياكى تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلسا، قايتا ئېكسپورت قىلسا ۋە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ 68 شۆبە شىركىتىنى ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى؛ 5- ئاينىڭ 20- كۈنى 90 كۈنلۈك «ۋاقىتلىق ھەممىباب ئىجازەت»نى ئېلان قىلىپ، خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ «ئالاھىدە بېكىتىلگەن پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋەتلىك تورىنىڭ تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئالاقىدار كۆچمە مۇلازىمىتىنى قوللىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ۋاقىتلىق ھەممىباب ئىجازەت»نى ئۇزارتىش ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ماسلىشىش ۋاقتىغا ئىگە قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋېلبېر روس بايانات ئېلان قىلىپ، بىز قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتۇق، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ