خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى ۋە «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى» ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن 18- چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن ئىككى قىسىمغا يېقىن ئامېرىكىلىقلار ئەركىن سودىنى قوللايدىكەن، بۇ نىسبەت تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن %64 كىشى ئەركىن سودا يېڭى بازىرىنى ئېچىش ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، ئامېرىكا ئەمدى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىغان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن پەقەت %27 كىشىلا، ئەركىن سودا ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە باشقا ھالقىلىق كەسىپلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ ئامېرىكىغا پايدىسىزدۇر، دەپ قارايدىكەن.
2017- يىلىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئەركىن سودىنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى 7 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، ئۇنى 2015- يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا 13 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئەركىن سودىغا قارشى تۇرىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى 2017- يىلىدىكىدىن 10 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
بۇ قېتىمقى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قۇرامىغا يەتكەن 1000 نەپەر ئامېرىكىلىق ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى تەدرىجىي كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەركىن سودىنى قوللاش ساداسى تېخىمۇ ياڭرىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ