مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپچىلىك،زومىگەرلىك قىلمىشى دۇنيا بازىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ

2019.08.16 18:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت پۇل-مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى "خەلقئارا ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلە يېڭى ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىش " تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ،بۇ دۇنيا بازىرىنىڭ داۋالغۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسەتتى.جۇڭگو زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەرشارى ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇڭ فېيتىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا ـ قايتا گېپىدە تۇرماسلىق،تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش ئۇسۇلى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا بازىرىنىڭ داۋالغۇشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىغا بولغان سىستېمىلىق خەۋپ ـ خەتەرى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىن جيەنفېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي تەرىپىدە يوشۇرۇن ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلەش، مۈلۈك باھاسى ساختا بولۇشتەك ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالدى.بۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق.

  جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈش ئامېرىكىنىڭ قوپال بىر تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك قىلمىشى.جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى لى ياڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت دەپ ئەيىبلىشى ئىنتايىن بىمەنىلىك.بىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەكسىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىپ بازارغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ جىجوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەق ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق ـ قارىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي ئەندىزىسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى.

  تاشقى ئىقتىساد ـ سودا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ جىجىيې(丁志杰) مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى رەزىل ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى جۇڭگوغا ئارتىپ، چەكتىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىپ، جۇڭگونى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۆھبىتىدە يول قويۇش ۋە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاپ، تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشمەكچى بولدى.

  ۋۇخەن داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتور يېتەكچىسى گۇەن تاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلدى دەپ ئەيىبلىشى پاكىتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق.خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنىڭ بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ تەسىرىدە ئۆرلىشى ۋە چۈشۈشى نورمال ئەھۋال، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بازار كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىش دەپ قارىشى روشەنكى، كەسپىي روھ ۋە ئاساسىي ساۋات كەمچىل بولۇشنىڭ ئىپادىسى. ئامېرىكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت دېگەن بەلگىنى قالايمىقان چاپلاش قىلمىشى ئۇنىڭ خەلقارادىكى ئىناۋىتىگە زور زىيان يەتكۈزدى.

  جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خىرىسنى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى، نۆۋەتتىكى خىرىسنى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ لىڭيۈن مۇنداق دەپ قارىدى:نۆۋەتتىكى خىرىسقا پۇختا تاقابىل تۇرۇشتا، مۇھىمى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.بۇ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ۋە بازارنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىفىرلىق ئىقتىساد ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ئىقتىساد سىستېمىسى ئانالىز تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى لوۋ فېڭ مۇنداق دېدى: پەن ـ تېخنىكا سىياسىتى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر.جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا سۈركىلىشى بىزگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا چوقۇم كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى، يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەندىلا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى،دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەقدىرىنى ھەقىقىي ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتتى.

  لى ياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىز خەلقارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە يېڭى-كونا ئەندىزىسى ئالمىشىدىغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، بۇ جەريان ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان، بىز ئۆزگىرىش داۋامىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىز، تەرەققىياتنى كۆزلىشىمىز، ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك.مۇھىمى ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ