مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى پۇل-مۇئامىلە بازىرى داۋالغۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن

2019.08.16 18:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئۆكتىچىلەر نامزاتى يېقىندا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا خىلى ئالدىدا تۇرغاچقا، ئارگېنتىنا پاي بازىرى، پېرېۋوت بازىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سول قانات ھۆكۈمەت تەختكە چىققان ھامان سودىغا مايىل ھازىرقى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار پۇل ۋە مالىيە سىياسەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۇمكىن، بۇ ئارگېنتىنا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ۋەھىمىنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئارگېنتىنا 8-ئاينىڭ 11-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىنى ئۆتكۈزدى، ئۆكتىچىلەر نامزاتى فېرناندېس ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى ھازىرقى زۇڭتۇڭ ماكېرىدىن خىلىلا ئالدىدا تۈردى. سايلامدىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىر قەدەر كىچىك ئىكەن .

  كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەسلەپكى سايلام نەتىجىسى ئارگېنتىنانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شىددەت بىلەن %20 تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى، بۇ 2015-يىلىدىن بۇيانقى تاق كۈندىكى ئەڭ چوڭ چۈشۈش. پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئارگېنتىنا مەركىزىي بانكىسى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاساسى ئۆسۈم نىسبىتىنى % 74.78 ئۆستۈرگەنلىكىنى ھەمدە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئىشقا سېلىپ پېرېۋوت بازىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارگېنتىنا پاي بازىرىدىكى ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچى M e r v a l 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شىددەت بىلەن % 37 كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى .

  ئامېرىكا JPمورگان چېس بانكىسى ئېلان قىلغان ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت خەۋپ - خەتەر كۆرسەتكۈچى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 1700نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. مەبلەغ سالغۇچىلار ئارگىنتىنانىڭ كەلگۈسىدە قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىدى.

  ئۆكتىچىلەر نامزاتى فېرناندېس ئارگېنتىنا ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ، تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇش ۋە سودا قورۇقچىلىقى قاتارلىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭلاشقا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇ تەختكە چىقىپ قالسا ماكېرى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تاشقى ساھەنىڭ ئارگنېتىنا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرىدى .

  ئارگېنتىنا ئۇزاق مۇددەت تاشقى قەرزگە تايىنىپ كەلگەن، قەرزنىڭ چەكسىز كېڭىيىشى ئارگېنتىنادا 1982-يىلى ۋە 2001-يىلى ئىككى قېتىم قەرز كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2018ـيىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئارگېنتىنانىڭ جامائەت قەرزىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى قەرز يۈكى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ قالدى.

  2018-يىلى 6-ئايدا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بىلەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۈچ يىللىق قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەنە قۇتقۇزۇش قەرز ئومۇمي سوممىسىنى تەخمىنەن 57مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتتى. ئارگېنتىنا قۇتقۇزۇش شەرتى سۈپىتىدە مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش ، پۇل تارقىتىش مىقدارىنى چەكلەش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش ھەمدە پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ۋەدە بەردى .

  ئارگېتىنا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى : ئەگەر فېرنەندىس يەڭسە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن قۇتقۇزۇش شەرتلىرى ئۈستىدە قايتىدىن سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن. ماكېرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي سىياسىتىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، فېرنەندىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئىچكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەھلىلچىلەر: فېرنەندىسنىڭ سىياسەت تەشەببۇسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىدە توقۇنۇش مەۋجۇت دەپ قارىدى .

  ئارگېنتىنا جەنۇب ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئامىركا كوليېنت تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى : دەسلەپكى سايلامدىن باشلاپ يېڭى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىچە، ئارگېنتىنا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يەنە داۋاملىق داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن. 2018-يىلى ئارگېنتىنا ئىقتىسادى % 2.5 تۆۋەنلىدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ئارگېنتىنا ئىقتىسادى %1.3 چۈشىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

  ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى مورگان سىتانلىنىڭ تەھلىل دوكلاتىغا قارىغاندا، ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ يەنە داۋاملىق % 20 كۇرىسى چۈشىدىكەن، پېسونىڭ داۋاملىق كۇرسىنىڭ چۈشۈشى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دوكلاتتا پايدىسىز ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ