مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ھىندىستان جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ دۇنياغا بولغان ئەھمىيىتى زور

2019.08.16 18:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھىندىستان جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ دۇنياغا بولغان ئەھمىيىتى زور دېدى.

  ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جايشانكار جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بېيجىڭدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلەت ۋە گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدە ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جايشانكار دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ۋاڭ يى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ھىندىستان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جايشانكار مۇنداق دېدى : ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرى بار،ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نۇرغۇن ياشلار ئىككى دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ، بۇ ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى دەپ ھېسابلىدى. نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندىلا، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىشىنى تېخىمۇ ھەقىقىي كۈچەيدۇ، ئەل رايىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  جايشانكار بۇ يىل 5 - ئايدا ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى. 2009 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە، ئۇ ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغانلارنىڭ بىرى.

  جايشانكار مۇنداق دېدى : ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن يېڭى رولىم بىلەن ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمەن.

  ئۇ، بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، يەنە تەنتەربىيە، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنى بىرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ ھىندىستان كىنو، دورىگەرلىك ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ھەر بىر ئۆلكىسىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا، جايلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى ھىندىستانغا ئىلھام بەردى. گەرچە ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.

  كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى « ئىجابىي » دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى، ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتىنى زورايتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك.

  ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندىستان بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ قاتلىمىدىلا توختاپ قالماي، يەنە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى : ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا تەرتىپ چوڭقۇر تەڭشەلمەكتىكەن، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دۇنيانىڭ كۆپ خىل مۇساپىسىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇپ، يەر شارى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى : « ئاسىيا ئەسىرى » نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ