مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئېغىر زىيان يەتمەكتە

2019.08.16 18:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگولۇق خادىملارغا يولسىزلارچە مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى نورمال پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە: جۇڭگو ئەل ئىچى دوستلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسى ئالىملىرى 7 - ئايدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار ئۇزۇن ۋاقىت يولسىز سوراق قىلغان، ئاختۇرغان. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش مەقسىتىدىن سەۋەبسىز گۇمانلانغان.

  ئامېرىكىنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشى ھەرگىزمۇ ئايرىم ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئوچۇقتىن - ئوچۇق سىستېمىلىق ھەرىكەت. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى جۇڭگودىن ئامېرىكىغا بارغانلارغا ۋىزا تەكشۈرۈش، ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋىزا بىكار قىلىش، سۈرۈشتە قىلىش، تەكشۈرۈشتەك ئاۋارىچىلىك تۇغدۇردى، ھەتتا بەزى كىشىلەرگە جاسۇسلۇق بەلگىسى چاپلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا نورمال خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا يامان غەرەزدە توسقۇنلۇق قىلدى. جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئالىملار، سودا ساھەسىدىكىلەر ۋە پەن - تېخنىكا ئەربابلىرى، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئامېرىكىغا بارغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكىنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرى ئامېرىكىنىڭ مۇتەئەسسىپ، قاتتىق قول كۈچلىرىنىڭ چەكسىز تەشۋىشىنى، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان رېئاللىق ئالدىدا، ئامېرىكا تەرەپ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكىنىڭ غەرىزى « تومۇزغا ئېففېكتى» نى پەيدا قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ نورمال بېرىش - كېلىشىنى ئازايتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش.

  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىستوف رېينىڭ سۆزى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. ئۇ جۇڭگو پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي يېتەكچىلىك ئورنىنى ئوغرىلاشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئامېرىكىدىكى بارلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار، ئالىملار ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەھدىت سالدى دەپ ئاشكارا تۆھمەت قىلدى. بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ھەر ساھە ئەربابلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدىكى ئەسەبىي كۈچلۈكلەرنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشىغا باھانە تېپىپ بەردى.

  ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان «خام خىيال قىلىش كېسىلى» گە گىرىپتار بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلى يېنىك ئەمەس. زادى كىم دۇنيانىڭ ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ئەڭ قىزىقىدۇ ؟ زادى كىم باشقا دۆلەتلەردە كەڭ دائىرىدە ئوغرىلىقچە ئاڭلايدۇ كۆزىتىدۇ، سىڭىپ كېرىپ مەخپىيەتلىك ئوغرىلايدۇ ؟ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆزى ئۆتكۈر. سۇرىيە، لىۋىيە، ئىراق، ئافغانىستان، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق زور بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ مالىمانچىلىقى، ھەتتا ئىچكى ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ « نادىر ئەسىرى » ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ، شياڭگاڭ، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان مىساللار ناھايىتى كۆپ.ئامېرىكا « بەش كۆز ئىتتىپاقى » نىڭ چوڭى ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئاخبارات دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، تاراتقۇ، ئىلىم، سودا، پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە قانچىلىك ئادەم ئاخبارات توپلاش ۋە سىڭىپ كىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئامېرىكا ئۆزى بىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ جۇڭگودا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ ئاز - تولا بىلىدۇ.

  ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەينى يىلى مۇز يېرىپ، ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئەڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كۈچلۈك ئارزۇسى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، كارخانىلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچىنى باغلايدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالدى، ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە چەكلەشكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو تەرەپ دوستلۇق تەشكىلاتى ۋە ئىلمىي ئاپپارات خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى ئوچۇق - ئاشكارا، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئارىلىشىشقا ۋە سىڭىپ كىرىشكە قىزىقمايدۇ. بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، ئەڭ ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى سىردىشىش، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىش، دوستلىرىمىز شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانى ھاسىل قىلىش. بۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە مەدەنىيەت چاقىرىق كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىدىكى سىر، ئۇ ئەڭ ئاددىي، شۇنداقلا ئەڭ پۇختا ئۈنۈم بەردى.

  ئامېرىكا خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا،بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ھېچقانداق ئۈمىد يوق. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك، 21 - ئەسىردە بېكىنمىچىلىك بەدىلىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىلىم، مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئاساسىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى،ئامېرىكىلىقلارنىڭ چىرايىغا قاراش ھاجەتسىز. خۇددى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادى، پەن - تېخنىكىسىغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە « ئېغىر بېسىم » قىلىش غەررىزىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىغا ئوخشاش، ۋاشىنگتوننىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدە جۇڭگوغا شىلتىڭ ئېتىشى چوقۇم ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ