مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فىرانسىيە ساقچىلىرى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ۋاسىتە قوللىنىدۇ

2019.08.16 18:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ھازىر فىرانسىيەدە داۋاملاشقىلى 30 نەچچە ھەپتە بولغان «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» ھەرىكىتى قاتناش ئادەم سانى ۋە كۆلىمى جەھەتتە باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 17-كۈنى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ ھەرىكەتتە ھەر شەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، ئارىلىقتا كۆپ قېتىم ئېغىر زوراۋانلىق، ئۇرۇش، چېقىش ۋەقەسى ۋە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشى يۈز بەردى.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»نىڭ زوراۋانلىق نامايىشقا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى. ئالدى بىلەن مەيدانىنى چىڭىتىپ، «زوراۋانلىق نامايىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى يولغا قويدى، نىقابلىنىپ نامايىش قىلىشنى مەنئى قىلدى، نامايىشچىلارنى ئاختۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامايىش چەكلەنگەن رايون قاتارلىقلارنى ئايرىدى. مەسىلەن، فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتى 2-ئايدا نامايىشتىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىش ۋە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، قانۇن لايىھەسىدە ساقچىلارغا نامايىش نەق مەيدانى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا سومكا ۋە ئاپتوموبىللارنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «مەلۇم كىشىنىڭ ھەرىكىتى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى، دەپ قاراشقا يېتەرلىك ئاساس بار» بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى. قانۇن لايىھەسىدە يەنە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: نامايىشتا «چىرايىنى قەستەن تولۇق ياكى قىسمەن توسۇۋېلىش، ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزغاندىن كېيىن بايقىلىپ قالماسلىققا ئۇرۇنۇش» قىلمىشلىرى بايقالسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر يىللىق قاماق جازاسى ۋە 15 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇندىن باشقا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ساقچىلارغا نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ چوڭراق مۇستەقىل ھوقۇق بېرىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ۋىدېيو ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق زوراۋانلىق ۋەقەسى سادىر قىلغۇچىنى پەرقلەندۈرۈش، ئىلتىماس قىلمىغان نامايىشقا قويۇلىدىغان جەرىمانىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

  ساقچىلار « سېرىق جىلىتكىلىكلەر « زوراۋانلىق نامايىشىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، زور بىر تۈركۈم زوراۋان ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئالدى . فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا ، « سېرىق جىلىتكىلىكلەر » ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان ، ساقچىلار 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان .

  فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ مەيدانى قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن زوراۋانلىق نامايىشىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ، ئىمكانقەدەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قانلىق توقۇنۇش ۋە ئۆلۈش - يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى . فىرانسىيە ساقچىلىرى نەچچە ئاي داۋاملاشقان توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان بىرونېۋىك ، مۇداپىئە بومبىسى قويۇپ بېرىش ئەسۋابى ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا بىۋاسىتە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلمىدى ، پەقەت بىر نەچچە نامايىشچى يولنى توسۇۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى .

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ساقچى ئەترىتىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ، بىر تەرەپتىن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىشقا ئىپادە بىلدۈردى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىش ھەققى تولۇقلىمىسىنى تولۇق تارقاتتى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ ساقچى ئورگانلىرى ساقچى چىقىرىپ نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ساقچىلارنىڭ سائەت بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققىنى ھېسابلىدى ،بۇ ساقچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ