مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

غەرب ئەللىرى شياڭگاڭ ساقچىلىرى سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالدى دەپ قارىدى

2019.08.16 17:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  غەرب ئەللىرىنىڭ خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋە سەپتىن چېكىنگەن ساقچىلىرى رادىكال نامايىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تونۇشتۇرۇپ، شياڭگاڭ ساقچىلىرى سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالدى دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋە سەپتىن چېكىنگەن بىرقىسىم ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدە ساقچىلار شياڭگاڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن رادىكال نامايىش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ئادەتتە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، كەسكىن قانۇن ئىجرا قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن كونترول قىلىدىكەن.

  ئامېرىكا ساقچىلىرى قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىدۇ

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ساقچىسى لى مىڭچېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكا پۇقرالارغا سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقى بەرگەن، ئەمما ئۇنى جەزمەن تىنچ ئۇسۇلدا ئىپادىلەش كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا ساقچىلىرى نامايىش، ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن، ئوخشاش بولمىغان ئىشتاتلارنىڭ قانۇنىدا ئىنچىكە پەرق بار ئىكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۇدا كۈچەيسە، ساقچىلار مەلۇم ۋاسىتىلار بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، ئالدى بىلەن ئاغزاكى نەسىھەت قىلىدۇ، قايتا-قايتا نەسىھەت قىلسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ئاتلىق ساقچىلارنى ئىشقا سالىدۇ ھەمدە سۇ زەمبىرىكى، مۇداپىئە قالقىنى، تۈتەك بومبىسى قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىدۇ. ساقچىلار ۋەزىيەتنى يەنىلا كونترول قىلالمىسا، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ۋە قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئارىلىشىپ، خەلق مۇھاپىزەت ئەترىتىنى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىدۇ، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ھالىتىگە كىرگەنلىكنى جاكارلايدۇ. كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ھامان، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كېچىسى سىرتتا ھەرىكەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت تېزدىن كونترول قىلىنىدۇ.

  ھيۇستون ساقچى ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى باشلىقى ھېنرى گوئىن مۇنداق دېدى: نامايىش يىغىلىشىدا، ئامما ياكى ساقچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت بايقالغان ھامان، بىز تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىمىز، بۇ تىنچ نامايىش بىلەن توپىلاڭنىڭ پەرقى. يىغىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، باشقا ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ساقچىلار ئادەتتە نامايىشتىن كېيىن ئۇنى قولغا ئالىدۇ. ۋەزىيەت كەسكىن بولسا، ساقچىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى بىلەن باشقا ئاممىنى ئايرىۋېتىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى قولغا ئېلىش.

  ئامېرىكا نىيۇيورك ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى موخېر مۇنداق دېدى: نىيۇيوركتا، بىرەرسى مېترو، تاشيوللارنى قەستەن توسۇۋالسا، ساقچىلار دەرھال قولغا ئالىدۇ؛ بىرەرسى ساقچىلارغا قول تەگكۈزسە، قولى بىلەن سەللا ئىتتەرگەن تەقدىردىمۇ، ساقچىلار كالتىكىنى ئىشلەتسە ھەمدە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قولىغا دەرھال كويزا سالسا بولىدۇ؛ نامايىش داۋامىدا، خىش-كېسەك، بوتۇلكا ئېتىش ھەتتا ئوت قويۇش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئاقىۋىتى ئېغىرراقلىرىغا 30 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ساقچىلارنى يارىلاندۇرسا، «ئېغىرلاشقان ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى» دەپ قارىلىدۇ. نىيۇيورك ساقچىلىرى مەلۇم دائىرىدە نامايىشچىلارنى قورشاپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «پارتىزانلىق ئۇرۇشى» قىلغۇزمايدۇ، بىرقانچە ئېغىز بېكىتىپ قويىدۇ، بىرەرسىنىڭ نامايىشقا قاتناشقۇسى بولسا، ساقچىلار ئېغىزلاردا ئۇنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرىدۇ، كۈنلۈك، كالتەك، پولات قالپاق دېگەندەك بىرەر تال ھۇجۇم خاراكتېرلىك نەرسە بايقالسا نامايىش رايونىغا ئېلىپ كىرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

  ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتلىق ساقچى نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، «داڭلىق رازۋېدچىك» لى چاڭيۈ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا، كىچىك زوراۋانلىق نامايىش يىغىلىشىنى يەرلىك ساقچىلار بىر تەرەپ قىلىدۇ، سىنغا ئېلىپ ئىسپات قالدۇرۇپ،كېيىن قولغا ئالىدۇ؛ چوڭراق زوراۋانلىق نامايىش يىغىلىشىنى ئىشتاتلىق ساقچىلار بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى سۇ چېچىپ تارقىتىۋېتىدۇ، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ماشىنىسى ئارقىلىق نامايىشچىلار بىلەن ئامما ئايرىۋېتىلىدۇ، باشلامچىلار ياكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار نەق مەيداندا قولغا ئېلىنىدۇ؛ كۆلىمى چوڭراق، ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، خەلق مۇھاپىزەت ئەترىتى ئارىلىشىپ، تۈتەك بومبىسى، ياش ئاققۇزغۇچ بومبا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ، جىددىي ھالەت بۇيرۇقى، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش جاكارلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ