مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان قىزىل يۇقۇمى كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىنتايىن قاتتىق «مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش» قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ

2019.08.16 17:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گېرمانىيە ۋاكسىنىغا قارشى تۇرغۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلدىمۇ؟ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان قىزىل يۇقۇمى كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىنتايىن قاتتىق «مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەش» قانۇن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش يېشىغا توشۇپ ۋاكسىنا ئەملىمىگەن شەخس ياكى ئائىلىگە يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھەمدە كىچىك بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشى چەكلىنىدۇ.

  گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى يانىس شىفان يېقىندا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: بىز جەرىمانە قويۇش قوشۇلغان چەكلەش بىرىككەن تەدبىر قوللىنىپ، ھازىر يامراۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەشكە قارشى تۇرغۇچىلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىمىز، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى قىزىل يۇقۇمىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۈزمەكچى بولغان ئەڭ يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇش يېشىغا توشىمىغان بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش يېشىغا توشۇپ ۋاكسىنا ئەملىمىگەن بولسا، شۇ بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشى چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەلەپ بويىچە بالىسىغا ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن ئائىلىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2500 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىد بار، ھەمدە 2020-يىلى 3-ئايدا يولغا قويۇلىشى مۇمكىن. يېڭى قانۇن لايىھەسىدە يەنە «مەكتەپ، يەسلى، داۋالاش كەسپى ۋە مەھەللە ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەن ئىسپاتنى چىقىرىشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىندى.

  ئىگىلىنىشچە، توردىكى ئالدامچىلىقنىڭ يامرىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ۋاكسىنا ئەملەشكە قارشى تۇرۇش ئېقىمى يېقىنقى يىللاردا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن ئەللەرگە تارقىلىپ، قىزىل يۇقۇمى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن. ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك، 2018-يىلى ياۋروپادا قىزىل يۇقۇمىغا گىرىپتار بولغانلار %350 كۆپەيگەن، 70قا يېقىن ئادەم قازا قىلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىلا، گېرمانىيەدە يېڭىدىن 164 ئادەم قىزىل يۇقۇمىغا گىرىپتار بولغان. ئامېرىكىدا ئالدىنقى يىلى قىزىل يۇقۇمىغا گىرىپتار بولغانلار 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. ھازىرغىچە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، فىللاندىيە ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق ئەللەر مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملەشكە ئالاقىدار قانۇن چىقاردى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيەدە يېڭى قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرىدىغان سادالارمۇ كۈچەيدى، گېرمانىيە يېشىل پارتىيەسى بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇردى. گېرمانىيە ۋىراچلار جەمئىيىتى «بۇ خىل قانۇن لايىھەسىنى تۈزمەك ئاسان، يولغا قويماق تەس» دەپ قارىدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى مونگومارى: ئاممىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئېڭىنى ئاشۇرۇشتا مۇۋاپىق تەشۋىقى تەربىيە بولۇشى كېرەك، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ