مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈزلۈكسىز قاتناپ تۇرىۋاتقان پويىزلار چەكسىز سودا پۇرسىتى ياراتتى

2019.08.16 17:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئۈزلۈكسىز قاتناپ تۇرىۋاتقان پويىزلار چەكسىز سودا پۇرسىتى ياراتتى. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى مانجۇرى چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 520گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 189ى كۆپەيدى، كۆپىيىش نىسبىتى %175كە يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن 273 قېتىم پويىز چىققان، 247 قېتىم پويىز كىرگەن، كىرىش-چىقىش نىسبىتى تەڭپۇڭ بولغان. بۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھادىسە، كىرىپ-چىققان ماللارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى سىجىل بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن، تۇنجى يۈك ساندۇقلۇق يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى جۇڭگونىڭ چۇڭچىڭدىن ئايرىلىپ گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگقا يول ئالغان، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈريولدا مال توشۇش يېڭى ئەندىزىسى – جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ رەسمىي قاتنىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، تۆمۈر كارۋاننىڭ قاتناش قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ياۋروپا-قۇرۇلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان خەلقئارا سودىنىڭ جان تومۇرىغا ئايلاندى. 2011-يىلى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاران 17 قېتىم قاتنىغان ئىدى، 2018-يىلى بولسا 6363 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن 2690 قېتىم كىرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111 ئاشقان.

  جۇڭگو بىلەن ياۋروپا قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ ئىككى بېشىدا. 2018-يىلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»نى چىقىرىپ، جۇڭگونى ھەمكارلىق شېرىكى دەپ بېكىتىپ، ئۆزىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى بىلدۈردى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ ھەمكارلىقتىكى تىپىك مىسالدۇر.

  جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا بارغاندا، ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇلۇقى يېڭى تارىخىي شارائىتتا زىچ ئۇلاشتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپادىكى 15 دۆلەتنىڭ 50 شەھىرىگە قاتناپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تومۇرغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ياۋروپاغا ئۈزلۈكسىز توشىلىۋاتقان ماللار كېيىم-كېچەك، ئۇششاق ماللار، يېمەكلىكتىن سىرت يەنە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلىكترونلۇق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارمۇ بار. بوگىندى فىرانسىيە ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى، شۇ يەردىكى بوغرولې ئۈزۈم ھارىقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دومىنىك: ھازىر بۇ يەردىكى ئۈزۈم ھارىقى تىجارەتچىلىرى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بەك قىزىقىۋاتىدۇ، لىئون بىلەن ۋۇخەننى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئۇلاشتۇرۇپ، خۇش پۇراقلىق ھاراق يولى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

  ئۈزلۈكسىز قاتناپ تۇرىۋاتقان پويىزلار ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى ئۇلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىنىمۇ ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزدى. جۇڭگودىكى 60 شەھەر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تەسىس قىلدى، غەرىب، ئوتتۇرا ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەدە بەش چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ چىقىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى نۇقتا بىلەن نۇقتىنى ئۇلاشتۇرۇپلا قالماستىن يەنە رايون ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سودا بەلبىغىغا ئايلىنىپ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، ۋۇخەن، شىئەن قاتارلىق دېڭىز بويىدا بولمىغان، يول بويىدا بولمىغا ئىچكى قۇرۇقلۇقلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشتى. چېڭدۇنى مىسالغا ئالساق، بەش يىلدىن كۆپرەك تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، چېڭدۇدىن قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى چەتئەللەردىكى 25 شەھەر، جۇڭگودىكى 14 شەھەرنى ئۇلاشتۇردى، 2018-يىلى 1591 قېتىم جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، خەلقئارا تۆمۈريول پورتى 727 مىڭ يۈك ساندۇقىنى كىرگۈزۈپ-چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى سانى ئەڭ كۆپ، قاتناش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ، تەسىر قىلغان دائىرىسى ئەڭ كەڭ، توشۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى يويىزى بولدى.

  لىق مال قاچىلانغان پويىزلار ئەڭ جانلىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان چېڭدۇ چىڭبەيجياڭ خەلقئارا تۆمۈريول پورتىدىن يولغا چىقىپ، لەنجۇدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىدىن چىقىپ، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق ئەللەردىن ياۋروپاغا كىرىپ، 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. پويىز مال ئېلىپ مېڭىش بىلەن بىلە ھاياتلىق بوشلۇقى ئاچىدۇ، سودا يولى جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىغا ھاياتلىق پۇرسىتى ئاتا قىلدى.

  جۇڭگو-ياۋروپا پويىزلىرى سىرتقا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سىرتتىنمۇ كىرگۈزۈۋاتىدۇ. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئاتلىغان دورا كارخانىسى ئالېرگان شىركىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاش مەھسۇلاتلىرى چېڭدۇدىن كىردى. قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بۇ داۋالاش مەھسۇلاتلىرى ئېرلاندىيەدىن يولغا چىقىپ، رۇڭئوۋ تۆمۈريولى ئارقىلىق ئېنگلىز بوغۇزىدىن گوللاندىيەگە بېرىپ، ئارقىدىن پۈتكۈل ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىپ ئۆتۈپ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىن جۇڭگوغا كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چېڭدۇغا يېتىپ باردى. ئومۇمىي مۇساپىگە 21 كۈن كەتتى، تەنەرخ ھاۋا تىرانسپورتىنىڭ يېرىمىغىمۇ بارمىدى، ۋاقتى دېڭىز تىرانسپورتىدىن قىسقا بولدى. بۇ چېگرا ئاتلىغان كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىم چېڭدۇنى تاللاپ، ھاۋا ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق چېگرادىن مال كىرگۈزۈشى، ھەمدە بۇ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى تۇنجى ھاۋا ۋە تۆمۈريول ئارقىلىق داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈش مىسالى بولۇپ، چېڭدۇ تيەنفۇ خەلقئارا بىئو شەھەرچىسىنىڭ دۇنيا كەسپىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلغان دورا تەمىنلەش تۈگۈنى – دۇنيا بىئو دورىلىنى تەمىنلەش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن ھەمدە دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىقىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نۆۋەتتە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىلىرىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، گۈللەپ ياشناۋاتقان يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى يېزىپ چىققتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ