مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلىشىغا ياردەم بەردى

2019.08.16 16:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دىققەت قىلىۋاتقان تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇنداقلا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئافرىقىدا ئەمەلىيلشىشىىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئېشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلاپ، ئافرىقا ئىقتىسادىغا ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئادا قىلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو تاشقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نىگېرىيە جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چارلىز ئونۇنايىجۇ يېقىندا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئالاقىدار ئورتاق تونۇش بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى چەمبەرچەس باغلانغان، بۇ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقىنى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان يەر شارىلىشىشتىكى ئونىۋېرسال سانائەت مەركىزىگە ئايلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.

  ئۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، بۇ مۇساپىدە ئافرىقا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان گۈللىنىش، سېغدۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىساد- سودا نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئافرىقىغا قارىتىلغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن كۈچەيتىشكە توغرا كىلىدۇ.

  ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە زور يوچۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى چەكلەپ تۇرۋاتقان ئاچقۇچلۇق ئامىل. ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق ئافرىقا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىغا قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ ھەر يىلقى ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى 130مىلياردتىن 170مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، يوچۇق غايەت زوركەن.

  «بىر بەلباغ ، بىر يول » تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى، نۆۋەتتە ئافرىقا جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش مۇھىم بازىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگو كارخانىلىرى قاتناشقان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ھەقىقىي قولايلىق ئېلىپ كەلدى، شۇ جاينىڭ بايلىقى ۋە نوپۇس پايدىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مونباسا-نايروبى تۆمۈريولىنى مىسالغا ئالساق، بۇ كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۇل ئەلسىھە قۇرۇلۇشى بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماتور دەپ قارالماقتا. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، مونباسا-نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق جۇڭگو كارخانىلىرى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان كېنىيە تۆمۈريول تۈرلىرى كېنىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.5 ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

  جۇڭگونىڭ نىگېرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى جاۋ لىنشاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ جىددىي ئىش سىرتقا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىشتىن مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىنى تېزلىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش.

  جۇڭگو گاڭۋەن قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نىگېرىيە شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ شىركەت ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان نىگىرىيە لېككى چوڭقۇر دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىدىكەن. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل يېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىكى تۈرلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

  ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ياخشى تەبىئىي ئېكېلوگىيە بايلىقىغا ئىگە، لېكىن سۇ بايلىقى كامچىل بولۇش، سۇ بۇلغىنىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش، يەر ناچارلىشىش قاتارلىق ئېكېلوگىيە بېسىمىگە ئۇچرىماقتا. ئېكېلوگىيەنى تۈزەش، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ جىدىدىي ئىش.

  ئۆتكەن يىلىقى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەككىز چوڭ ھەرىكەتتە «يېشىل تەرەققىياتنى يولغا قويۇش» ھەرىكىتىمۇ بار. تەھلىلچىلەر: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېشىل تېخنىكىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلۈكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئافرىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشدىكى يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، دېدى.

  جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ پاكىزە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. پاكىزە ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، پاكىزە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.

  تەھلىلچىلەر: بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇ تېخىمۇ چىڭ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ، دېيىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ