خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان كولومبىيە ئالاھىدە رايونى فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، 12 يىل ئىلگىرى ئىراقتا بىگۇناھ پۇقرالارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا «قارا سۇ» ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ سابىق ياللانما خادىمى نىكولاس سلېتېننىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
فېدېراتسىيە سودىيەسى رويىس لامبوس سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: «زاسېداتېللار ئۆمىكى تامامەن توغرا . . . بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتۇر».
2007-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ بىر نەچچە ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ئىراق پايتەختى باغدادتىكى بىر ئاۋات رەستىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان پۇقرالارغا ئوق چىقىرىپ، ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 پۇقرانىڭ قازا قىلىشى، 18 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىراق ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئامېرىكىدىن دېلوغا چېتىشلىق «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسىنى ئىراقنىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بۇنى رەت قىلغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى كېيىن ئالاقىدار خادىملارنى ئەرز قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەدە، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن سلېتېن ئەينى ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ ئوق چىقارغان، ئوق چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىمىغان. بۇ دېلونى قايتا-قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، سىلېتىن 2018-يىلى 12-ئايدا 1-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ