قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاتامبايېف قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى

2019.08.15 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستاننىڭ باش تەپتىشى زامۇشتوفنىڭ 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىشىچە، سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېف كەڭ كۆلەملىك پاراكەندىچىلىك سېلىشقا تەشكىللەش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن زورلۇق ئىشلىتىپ قارشىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

  سۈرەتتە: 2016-يىلى 3-ئايدا، شۇ چاغدىكى قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېف قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش شەھىرىدە شۇ جايدىكى ئامما بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ماتېرىيال سۈرىتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ