مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىنى چىقاردى

2019.08.14 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى 12- چېسلا قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئۇزاق مۇددەت قانۇنلۇق تۇرۇش ئىقتىسادىي بوسۇغىسىنى ئۆستۈردى. بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ .

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى بەلگىلەنگەن كىرىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە ياكى ئامېرىكىدا خالىغان ئۈچ يىل ئىچىدە جامائەت پاراۋانلىقى ئالىدىغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە، «جامائەت يۈكى»دەپ قارىلىدۇ. ئومۇمەن «جامائەت يۈكى» بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالغان چەت ئەل پۇقرالىرى يا ئامېرىكىغا كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ ياكى كۆچمەنلىك سالاھىيىتىنى تەڭشەيدۇ. ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئىدارىسى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئىجازەتنامىسى (يېشىل كارتا) تارقىتىش-تارقاتماسلىقنى قارار قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى ئېلىش-ئالماسلىقىنى مائارىپ، كىرىم ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىدىغان ئامىل قىلىدۇ.

  بەزى تەنقىدچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى بەلگىلىمە ئاساسلىقى تۆۋەن كىرىملىك كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق كۆچمەنلىرىنىڭ سانى تېز ئازىيىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردىمۇ پاراۋانلىق ئىلتىماس قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ۋە مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ