ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى ئامما نامايىش قىلىپ، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمدە قورالنى كونترول قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.08.09 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئېل پاسو شەھىرىدىكى بىر باغچىدا، يىغىلىشقا قاتناشقان مېكسىكىلىق پۇشتىدىن بولغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ئەسكەر رومەن پايان ئىرقچىلىققا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 7- ئاۋغۇست تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئېل پاسو شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئاممدىن ھال سورىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1000دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى دوختۇرخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر باغچىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمدە قورالنى كونترول قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ