خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ئاۋغۇست ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قىرغىزىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاتامبايېفنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىدىن ئاتامبايېفنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئاخبارات ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ 7-ئاۋغۇست ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، نىشاننىڭ بېشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى كوئى-تاش كەنتىدىكى ئاتامبايېفنى تۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
قولغا ئېلىش ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە قىسىم 8- ئاۋغۇست سەھەر سائەت 3 تە چېكىندى. ھازىر ئاتامبايېفنىڭ تۇرالغۇسىغا يەنە نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى يىغىلغان بولۇپ، ئالاھىدە قىسىمنىڭ بىر نەچچە ئەسكىرى تۇتقۇن قىلىندى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، قىرغىزىستان پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئاتامبايېفنى سابىق زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدىن مەھرۇم قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، قىرغىزىستان پارلامېنتى مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ، سابىق زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە ئاخىرقى يەكۈن چىقاردى. بۇ كومىتېت، ئاتامبايېف زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە ئالتە تۈرلۈك جىنايەتكە چېتىلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.
ئاتامبايېف 2011-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ