جۇڭگو «سىنگاپور مۇرەسسە ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى

2019.08.08 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى سىتىفىن ماتىئاس سىنگاپوردا «سىنگاپور مۇرەسسە ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  «ب د ت نىڭ مۇرەسسەدە پەيدا بولغان خەلقئارا يارىشىش كېلىشىمى ئەھدىنامىسى» (قىسقارتىلىپ «سىنگاپور مۇرەسسە ئەھدىنامىسى» دېيىلىدۇ ) 7- ئاۋغۇست سىنگاپوردا ئېچىۋېتىلىپ ئىمزالاندى، جۇڭگو، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 دۆلەت ۋە رايون تۇنجى تۈركۈمدىكى كېلىشىم ئىمزالىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويدى. بۇ ئەھدىنامە بۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمزالىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ