خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئاخبارات ئىدارىسى 7-ئاۋغۇست ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ شۇ كۈنى سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېفقا قارىتا تۇتۇش ھەرىكىتى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا: دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئالاھىدە قىسىمى شۇ كۈنى پايتەخت بىشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى كوئى-تاش كەنتىدىكى ئاتامبايېف تۇرالغۇسىغا بېرىپ، ئاتامبايېفنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قوللاندى. نۆۋەتتە ھەرىكەت يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېيىلدى.
كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتامبايېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئالاھىدە قىسىم توقۇنۇشۇپ قالغان. قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 10 ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىدە يارىلانغان، بىر ئالاھىدە قىسىم جەڭچىسىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.
قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ ژېنبېكوف شۇ كۈنى دەم ئېلىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېشكەككە قايتقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ