«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.07 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاۋشيەننىڭ پيوڭياڭدا، چاۋشيەننىڭ تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى جىن يىڭسەي كۆرگەزمىنى كۆردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» 6-ئاۋغۇست پيۇڭياڭ خەلق مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 126 پارچە قىممەتلىك سۈرەت كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ مۇقەددىمە، تارىخىي ئىزلار، تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، خاتىمە قاتارلىق بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ