نيۇيوركتىكى «قاتتىق قول ئانا» ۋە توققۇز قىزىنىڭ جۇڭگو ھېسسىياتى

2019.08.02 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  7-ئاينىڭ 27-كۈنى، لىنئېن بېلات (كېيىنكى رەت ئوتتۇرىدا) ۋە توققۇز قىزى ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى بېرنارد بازىرىدىكى خەنزۇ تىلى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ مانخاتتوندا ياشاۋاتقان دوكتور لىنئېن بېلاتنىڭ توققۇز قىزى بار، ئەڭ چوڭى 19 ياش، ئەڭ كىچىكى 11 ياش. جۇڭگولۇقلار قان سىستېمىسىدا بولمىغان توققۇز ئاچا- سىڭىل تۇغۇلغاندىن باشلاپلا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت «ئائىلە قائىدىسى»گە يۈزلەنگەن.

  58 ياشلىق بېلات يېقىندا: «بالىلىرىمنىڭ خەنزۇ تىلىدا ياخشى سۆزلىشىپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بىزنىڭ ئۆيدە چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش»، دېدى.

  بۇ «ئائىلە قائىدىسى» بېلات دوكتۇرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بېيجىڭ داشۆسىگە كېلىپ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىدىن كەلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا جۇڭگونى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ پات ئارىدا خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىزچىل تىرىشىپ، نيۇيوركتىكى بارلىق خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بايلىقىنى ئىزدەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى «چۆكمە شەكىلدىكى» ئۆگىنىش مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا تېزدىن جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  يالې داشۆسىنىڭ قانۇن ۋە مېدىتسىنادىن ئىبارەت قوش دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بېلاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بالىلىرىنىڭ خەلقئارا نەزەر دائىرىگە ئىگە «دۇنيا پۇقراسى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، 21-ئەسىردە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، خەنزۇچە ئۆگىنىش، جۇڭگونى چۈشىنىش مۇقەررەر يول ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ