مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران : چەت ئەل كۈچلىرى پارس قولتۇقى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى

2019.07.31 21:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى رابى 7-ئاينىڭ 28 -كۈنى مۇنداق دېدى : چەتئەل كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى» ئىرانغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق.

يېقىندا ئەنگلىيە بىلەن ئىران ئۆز ئارا ماي پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ياۋروپا يېتەكچىلىكىدىكى ئاتالمىش « دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھورمۇز بوغۇزى قاتارلىق مۇھىم دېڭىز يولىدا « قاتناش ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش » نى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى رابى مۇنداق دېدى : ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پاراس قولتۇقىغا ئەۋەتىپ، دۈشمەنلىك تۈسىنى ئالغان ئۇچۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاساسلىقى ئىران ۋە ئوماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ئەنگلىيە ئىراننىڭ نېفىت قاچىلانغان ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەنگلىيە چوقۇم بۇنىڭ ئۈچۈن زىيان تارتىدۇ.
















مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ