مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن: رۇسىيە ئۇزاق مۇددەتلىك كەلگۈسىگە ئىگە ئۆزگىچە دېڭىز ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ

2019.07.31 21:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 28 -كۈنى سانكىت پېتىربورگتا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بايرىمى پاراتىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە ئۇزاق مۇددەتلىك كەلگۈسىگە ئىگە ئۆزگىچە دېڭىز ئارمىيەسى بەرپا قىلىدۇ دېدى.

پۇتىن مۇنداق دېدى : بۇ يىل ئىچىدە 15 يېڭى پاراخوت رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچىگە تولۇقلىنىدۇ. رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى ۋە قىرغاق مۇداپىئە قىسمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ياخشىلىنىۋاتىدۇ. رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى قورال - ياراغ ۋە ھەربىي قورال - جابدۇق نىسبىتى % 62 تىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.

7-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرى ھەپتىسى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە بايرىمى بولۇپ، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي سانكىت پېتېربورگ دېڭىز ئارمىيە بايرىمىدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پۇتىن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەربىي پاراخوتنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگونىڭ شىئەن پاراخوتىمۇ پاراتقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ