مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2019.07.31 21:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مېھمانلار جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى جانلاندى، ئىككى ئارمىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى جونسۇن يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگونىڭ چېختا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى ۋاڭ شيەنيۈن مۇنداق دېدى : جۇڭگو دۇنيادىكى 150 نەچچە دۆلەت بىلەن ھەربىي ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، بىرلەشمە مەشىق قىلىش ۋە خادىملارنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو چېخ ئارمىيەسى بىلەن تىنچلىق ساقلاش، ھەربىي تەلىم - تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگونىڭ لىتۋادا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى سۈي ئېنشيۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، مەيلى قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلسۇن، مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمەيدۇ، مەڭگۈ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگونىڭ بېلارۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى چۈ خۇيجياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو - بېلارۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ