مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران، ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن ئىككى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشكە تەييارلاندى

2019.07.31 21:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 28 -كۈنى خەۋەر قىلىشىچە: ئىران يېقىندا ئىككى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىكەن.

خەۋەردە، ئىران بوشلۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھادى رىزايىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ ئىككى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. بۇ ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى ۋە خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى. سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي ئۆز پەن تەتقىقات كوللېكتىپىمىز مۇستەقىل تاماملىدى.
ئىران ئىلگىرى نەچچە ئون قېتىم سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن. ئامېرىكا بۇنى توشۇغۇچى راكېتا ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى دەپ قاراپ، ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىگە كۆپ قېتىم قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ