مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن خۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2019.07.31 21:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن « ئەمگەك خەۋەرلىرى » گېزىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن 7-ئاينىڭ 27 -كۈنى خۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان گۈلچەمبىرەكنى قەبرىستانلىق ئالدىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ خاتىرە ھەيكىلى ئالدىغا قويدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : چاۋشيەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن لى سويوڭ، تەي خوڭئى، لى ئىيوڭخو قاتارلىقلار شۇ كۈندىكى گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

1953- يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چاۋشيەندە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ پانمېنجۇمدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، چاۋشيەن 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىنى ۋەتەننىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.



مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ