بېلگىيە خان ئوردىسى يازلىق تەتىللىك ئېچىۋېتىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى

2019.07.31 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 30- كۈنى، ساياھەتچىلەر بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا جايلاشقان خان ئوردىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بريۇسسېل شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان خان ئوردىسى بېلگىيە خان سۇلالىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى ۋە مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. خان ئوردىسى ياز پەسلىدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ يىلقى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى 25- ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ