مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ، 100دىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتتى

2019.07.26 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىۋىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 25-ئىيۇل دېيىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر چىققان بىر پاراخوت لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ، 100دىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەن.

  لىۋىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى 25-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەخمىنەن 250 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن بىر ياغاچ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئوغرىلىقچە ئۆتۈۋاتقاندا، پاراخوت لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنىڭ شەرقىدىن تەخمىنەن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتتى. يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچىلىق كېمىسى 134 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، بىر جەسەت بايقالدى، 100دىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتتى.

  باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، پاراخوتتىكى خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئىكەن.

  2011-يىلى كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۇدا داۋالغۇش ئىچىدە قالدى، ھۆكۈمەت دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق چېگراسىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن لىۋىيەنى ئۆتەڭ قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ