مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلدى

ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمىدا تەشكىللىك ھالدا دۆلەت ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ كەتمەكتە

2019.07.19 13:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسى (زەھەر جىنايىتى ئىشخانىسى) 18- چېسلا باڭكوكتا «ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمىدا تەشكىللىك ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىياتى ۋە تەسىرى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەشكىللىك ھالدىكى دۆلەت ھالقىغان جىنايەت شايكىسى ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، ئۇ ھازىر ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمى دۇچ كەلگەن زور خىرىس بولۇپ قالدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاچقا، بۇ رايوندىكى چوڭ تىپتىكى ئەتكەسچىلىك جىنايەت شايكىسى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇۋىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاجىز بولغان جايلارغا، بولۇپمۇ چېگرا رايۇنلارغا يۆتكىگەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بىرىكمە ماددىلىق زەھەرلەرنى سېتىش ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمىدا پايدىسى ئەڭ كۆپ بولغان قانۇنسىز سودا ئىكەن. تەشكىللىك ھالدىكى جىنايەت گۇرۇھى سودا ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە يېڭىلاپ تۇرىدىكەن. زەھەر جىنايىتى ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىرىستال زەھەرنىڭ ئەتكەسچىلىك ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن 61 مىليارد 400 مىليون دوللارغىچە بولغان. ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى ۋە ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسىمى، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق جايلاردا كرىستال زەھەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىش سانى 12 مىليوندىن ئاشقان، 2018- يىلى ساپ كىرىستال زەھەرنىڭ ئىستېمالى 320 توننىغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ