مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيە كيوتودا يۈز بەرگەن ئوت قويۇپ بېرىش دېلوسىدا 33 ئادەم قازا قىلدى

2019.07.19 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ۋاقتى 18- ئىيۇل كەچكىچە، شۇ كۈنى كيوتودا يۈز بەرگەن كارتۇن ۋە ھەجۋىي رەسىم ئىشخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىش دېلوسىدا 33 ئادەم قازا قىلدى، 36 ئادەم يارىلاندى .

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ياپونىيەدە 19 يىلدىن بۇيان ئادەم ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان ئوت قويۇپ بېرىش دېلوسى ئىكەن. كيوتو مەھكىمىسىدىكى ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 18- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 41 ياشلىق بىر ئەر كيوتودىكى بىر كارتۇن ۋە ھەجۋىي رەسىم ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يەرگە بېنزىن ھالەتتىكى سۇيۇقلۇقنى چاچقان ھەمدە ئوت قويۇپ بەرگەن. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، تەخمىنەن 70 خىزمەتچى بۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئوت ئاپىتى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىمارەتنىڭ 2- ۋە 3- قەۋىتىدىكى ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسى چېقىلىپ كەتكەن. ئوت ئاپىتى سائەت 15 ئەتراپىدا ئۆچۈرۈلگەن. ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بۇ ئەر ھازىر شۇ جايدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا ئىكەن، ئۇنىڭ يۈز قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى كۆيگەن بولۇپ، كيوتودىكى بىر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. كيوتو مەھكىمىسىنىڭ ساقچىلىرى ئوت قويۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. ئوت قويۇپ بەرگۈچى بۇ ئادەم شۇ ئىشخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەسكەن، ياكى بۇرۇنقى ياللانما خادىممۇ ئەمەس ئىكەن.

  شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولقا، پىچاق ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بېنزىن تۇڭى بايقالغان، بۇ بۇيۇملارنى ئوت قويغان ئەر ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىرەيلەن بېنزىن تۇڭىنى ئېلىپ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ بېنزىن سېتىۋالغان، نۆۋەتتە ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ