ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارى ئايغا چىقىش راكېتاسىغا «ئايلاندى»

2019.07.18 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇل كەچتە، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، «ساتۇرن-5» ناملىق راكېتانىڭ سۈرىتى ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارىغا چۈشۈرۈلدى.

  شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى مۇزېيى پىلانلىغان «ئاپوللو 50 : ئاي شارىغا قاراپ يولغا چىقىش» ناملىق سۈرەت چۈشۈرۈش نومۇرى ئورۇندالدى، 1969-يىلى ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان «ساتۇرن-5» ناملىق راكېتانىڭ سۈرىتى ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارىغا چۈشۈرۈلدى. بۇ پائالىيەت «ئاپوللو» 11-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا چىققانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە تىنچ سۈرەت شەكلىدە سۈرەت چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 20-كۈنى ئاۋازلىق، كۆپ ۋاسىتىلىق ئويۇن قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ