ۋوندلېئىن كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

2019.07.17 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، فىرانسىيە ستراسبۇرگتىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باش ئىشتابىدا، ۋوندلېئىن سايلانغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ گېرمانىيەلىك ئۇرسۇلا ۋوندلېئىننى كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. ۋوندلېئىن 2013- يىلى 12- ئايدا گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە تارىخىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ