مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېركېل: سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، مەن سالامەتلىكىمگە ئىنتايىن دىققەت قىلىمەن

2019.07.16 17:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئۈچ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا تۇيۇقسىز تىترەپ كەتتى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 7-ئاينىڭ 11 -كۈنى، ئۇ بېرلىندا دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى فرېدرىكسون بىلەن كۆرۈشتى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى ئولتۇرۇپ كۆزدىن كەچۈردى. قائىدە بويىچە رەھبەرلەر بۇنداق سورۇندا دائىم ئۆرە تۇرىدۇ. گېرمانىيە « سۈرەت گېزىتى » نىڭ كۆرسىتىشىچە، مېركىلدا 7-ئاينىڭ 10 -كۈنى تىترەش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن مۇشۇنداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. ئىككىيلەن سۆھبەتتىن كېيىن تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە، مېركېل گېرمانىيە مۇخبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئالىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىدى، ئۇ مۇنداق ئىككى نۇقتىنى : بىرى، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقى، يەنە بىرى، سالامەتلىك مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ