مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن تاراتقۇلىرى، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۇزۇز شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 58 يىللىقىغا ئىجابىي باھا بەردى

2019.07.16 17:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان « ئەمگەك خەۋەرلىرى » شۇ كۈنى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، « چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق شەرتنامىسى » ئىمزالانغانلىقىنىڭ 58 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : بۇندىن 58 يىل ئىلگىرى چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىمزالىغان « چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئۆز ئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى » چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ئاساسى. بۇ شەرتنامە چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇھىت چاۋشيەن - جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، چاۋشيەن -جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ