رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 12 -كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى چاقىرىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
كىرېمىل سارىيى تور بېكىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يىغىندا رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ۋە رۇسىيە - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى، بۇ رۇسىيە - ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 11 -كۈنى تېلېفون سۆھبىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى ( پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى ) نىڭ رەئىسى ماتۋىيانكو، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ( پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ) نىڭ رەئىسى ۋوروكىن ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى ۋائىنو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە تاراتقۇلىرى 7-ئاينىڭ 12 - كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى : پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنىسكىنىڭ تېلېفوندا سۆزلىشىشى ئەمەلىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. پىسكوف بۇ پۇتىن بىلەن زېلېنسكىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ