مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش سىگنالى ئامېرىكا پېيىنىڭ ئۇدا يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى

2019.07.16 17:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى يېقىندا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش سىگنالىنى ئېنىق چىقاردى. بازاردا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسى زورايدى، نىيۇ -يۇركتىكى ئۈچ چوڭ پاي بازىرىدا مۇشۇ ھەپتىدە ئۇدا تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

  7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخىرقى باھاغىچە، دوۋ جونس سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى ئۆتكەن ھەپتىدىكىدىن %1.52 ئۆرلەپ، 27332.03 نۇقتىغا يەتتى؛ ستەندارد پۇرنىڭ 500 خىل پاي كۆرسەتكۈچى %0.78 ئۆرلەپ، 3013.77 نۇقتىغا يەتتى؛ ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى %1.01 ئۆرلەپ، 8244.14 نۇقتىغا يەتتى.

  ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پوۋېل 7-ئاينىڭ 10-11-كۈنلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئىككى مەيدان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:سودا جىددىي ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى بىر يۈرۈش ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلدى. گەرچە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى كەسكىنلەشكەنلىكتىن، سودا ئىشەنچى تامامەن ئەسلىگە كەلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ پاخاللىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولالمىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولمىدى، بۇ پۇل سىياسىتىنى بوشىتىشىنى قوللايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بازار كۆزلىمىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى بۇ يىل 7-ئايدا ئۆسۈمنى 25 نۇقتا تۆۋەنلىتىدۇ، يىل ئاخىرىدا ئۆسۈمنى يەنە داۋاملىق تۆۋەنلىتىدۇ.

  ئوئاندا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تەھلىلچىسى كېرېگې.ئېرلام مۇنداق دېدى: پوۋېل ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە پاخاللىشىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا ئىنتايىن مەيۈسلەندى، بازارنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنى تۈزىتىش ئويى بولمىدى، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىگە ماس كېلىدۇ.

  شىنخۇا مالىيە ئىقتىساد تەھلىلچىسى جاڭ چى مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش پايدىن ئىبارەت بۇ خىل خەۋپ -خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان كاپىتالغا نىسبەتەن پايدىلىق، قىسقا مۇددەت ئىچىدە پاي بازىرىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىراق، پاي بازىرىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ سىجىللىقى پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ئۆزگىرىشىگە باغلىق.پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش سودا قورۇقچىلىقى قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، يەنىلا پۇل-مۇئامىلە تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت.

  ئامېرىكا بازار تەھلىلى ئاپپاراتى سېۋېنس دوكلات تەتقىقات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توم ئېسەي مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى باسقۇچتىكى بازار ئىنكاسى ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسى ئاساسىدا كەلگەن، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ياكى باشقا ئاپپاراتلارنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرىكىتى پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، پاي بازىرى دەرھال تۆۋەنلەيدۇ.

  كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلىرى 2- پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاكسىيە شىركىتىنىڭ باش بازار تەدبىرىنى تۈزگۈچى ئات ھوگېن مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بازارنىڭ دىققىتى ئاساسى تەرەپكە قارىتىلىدۇ، يەنى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ كىرىمىگە قارىتىلىدۇ.

  بىراق، بازارنىڭ 2-پەسىللىك مالىيە دوكلاتى ھەققىدىكى كۆزلىمىسى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتى يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بازار كۆزلىمىسىدىن قارىغاندا، ستەندارد پۇر 500 كۆرسەتكۈچى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ 2- پەسىللىك كىرىمى %2 تۆۋەنلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ