مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېكسىكا ئىش ئورنى يارىتىپ، ھوندۇراسنىڭ «كۆچەت تىكىپ» مۇساپىرلارنى توسۇشىغا ياردەملەشتى

2019.07.16 17:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مېكسىكا ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىكى دۆلەت ھوندۇراسنىڭ ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش پىلانىنى كېڭەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىنىڭ خىزمەت ئورنى يارىتىشىغا ياردەم ېبرىش، كۆچمەنلەرنىڭ شىمالغا يۈرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىگە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىشنى جاكارلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوزغىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرا تەۋەسىدىكى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسى كۆچمەنلىرىنى ئىشقا ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مېكسىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماسەيرو ئەبۇلاد مۇنداق دېدى: ھوندۇراس زۇڭتۇڭى مۇشۇ ئايدا مېكسىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش تۈرىنىڭ تەپسىلاتىنى بېكىتتى.

  ئەبۇلاد مۇنداق دەپ قارىدى: كۆچمەنلەر دولقۇنىنى توسۇستا ئىش ئورنى يارىتىش چېگرا قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك.

  مېكسىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ شىمالغا يۈرۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى باشلاپ، سالۋادورغا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى، سالۋادورنىڭ تەخمىنەن 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئورمان ئەھيا قىلىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 20 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىلىدۇ. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەبلەغ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىگە ياردەم بېرىلىدىغان مەبلەغنىڭ بىر قىسمىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، مېكسىكا مەملىكەت ئىچىدە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش تۈرىنى باشلىدى. جەنۇبىي رايوندا مىۋە دەرىخى ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان دەرەخ تىكىشكە باشلىدى. كۆچەت تىكىش تۈرى مېكسىكا زۇڭتۇڭى ئاندېرس مانۇل لوپېز ئوبرادور ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ بىرى.

  گۋاتېمالا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىكى كۆچمەنلەر مەنبىيىنىڭ بىرى، بۇ دۆلەتنىڭ مېكسىكا قوزغىغان كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش تۈرىگە قاتنىشىدىغان قاتناشمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئازايتىش ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى ۋە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىمەن دەپ قىستاپ، مېكسىكىنى چېگرىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تۇتۇش ۋە قايتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، مېكسىكىدىن ھوندۇراس، گۋېتمالا قاتارلىق ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن، مېكسىكا ئارقىلىق شىمالىغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى دۆلەت 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تاموژنا بېجى ۋە كۆچمەنلەر قارالمىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  ئەبۇلاد مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىن كەلگەن 327 كۆچمەن مېكسىكىنىڭ شىمالى رايونىدا خىزمەت تاپتى. نۇرغۇن كارخانا جەمئىي 3700 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېكسىكا 16 چېگرا پاناھلىنىش ئورنى قۇرۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ تۇرۇشىغا بەردى.

  ئەبۇلاد مۇنداق دېدى: مېكسىكا ئەمەلدارلىرى بىر يۈرۈش قانۇن توسىقىنى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ مېكسىكىدا خىزمەت قىلىشىغا يول قويدى، نۇرغۇن ئىش ئورنى مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا چېگرا رايونىدىكى قۇراشتۇرۇش زاۋۇتلىرىدا.

  ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئىلگىرى ھاسىل قىلغان «كۆچمەنلەرنى قوغداش كېلىشىمى» گە ئاساسەن، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىن كەلگەن 19 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن بۇ يىل بۇيان ئامېرىكىدىن مېكسىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  مېكسىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى «جۇئارېس تەشەببۇسى»نى يولغا قويدى. مېكسىكارى، جۇئارېس قاتارلىق مېكسىكىنىڭ شىمالى چېگرا شەھەرلىرى ئامېرىكىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كۆچمەنلەرنى پاناھلىنىش ئورنى، ئىش ئورنى ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، خىراجەتنى مېكسىكا فىداراتسىيە ھۆكۈمىتى چىقاردى.

  ئەمما، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىن كەلگەن نۇرغۇن كۆچمەنلەر بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كەتمىدى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، جۇئارېستا ئامېرىكىنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتەسىدىن كەلگەن 66 كۆچمەن ماشىنا بىلەن ۋەتىنىگە قايتۇرۇلدى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر قانچە سىياسىي مۇلاھىزىچىنىڭ سۆزىنى خەەۋر مەنبىيى قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، «كۆچمەنلەرنى قوغداش كېلىشىمى» نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى مېكسىكىنىڭ چېگرا شەھەرلىرىدە تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر قىلغان، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسى كەمچىل بولۇپ، ماكانلىشىدىغان جايى يوقكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ