مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەمەلىيەت» قەيەردە ؟

2019.07.16 17:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  «نۆۋەتتىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ». يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىسىتراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، مەنپەئەت بىرىكىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقى رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.

  بۇ يىل جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېقىندا جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىمزالىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى» جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى

  70 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق سەپەر جەريانىدا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان بىللە ئۆتۈش يولىنى تاپتى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇيانايېف مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزئارا ئىشىنىش بىزنى زىچ ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدۇ.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن جۇاڭجى مۇنداق دېدى: «رەھبەرلەرنىڭ شەخسىي دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئاساسى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە بۇنى ئىنتايىن ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  2013-يىلى شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن زىيارەتكە چىققان تۇنجى دۆلەت دەل رۇسىيە. شۇنىڭدىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا تەخمىنەن 30 قېتىم ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  «دەل يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش بولغاچقا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد-سودىسى ھەمكارلىق مەزمۇنى جەھەتتە باشقا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ چېتىلىدۇ». جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ پولىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ غەربتىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھە دېسىلا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، تېخنىكاھجەھەتتىن قامال قىلىشنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېسىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى.

  جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتى.

  جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ بىرىكىپ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايەن قىلدى. سۈن جۇاڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا تايانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ ئىئىستراتېگىيەقاتلىمىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، كۆزلىمىلىك بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسېۋىتىدە، مەنپەئەت بىرىكىشىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەت رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك. بىرلەشمە باياناتتىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنپەئەتنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2018-يىلى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى %27.1كە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى 10 چوڭ سودا شېرىكى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. شۈ پولىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قالتىس نەتىجە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، ئئالەمقاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، تور ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. خېيخې دەرياسى تاشيول كۆۋرۈكى، تۇڭجياڭ تۆمۈر يول كۆۋرۈكى، جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىقلار. جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت يەرلىك ھەمكارلىق قاتلىمىدا چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

  جۇڭگو-رۇسىيە تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

  جۇڭگو-رۇسىيە بىرلەشمە باياناتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بۈيۈك ياۋروپا - ئاسىيا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا توقۇنۇشتۇرماي تەڭ يولغا قويۇپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر-بىرىنى قوللايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەشەببۇسى ئىككى دۆلەت مۇناسېۋىتىنىڭپۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

  نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر تەڭشىلىپ، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ، سودا قورۇقچىلىقى، بىر تەرەپچىلىك تەتۈر ئېقىمى يامرىدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە شەرقىي ياۋروپا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بۈيۈك ياۋروپا ـ ئاسىيا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش-ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىمۇ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادقا ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى لى يۇڭچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان «جۇڭگو-رۇسىيە لايىھەسى».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ