مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەت جىددىي يىغىن ئېچىپ ئىران مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ئامېرىكا داۋاملىق «ئەسكەر توپلىدى»

2019.07.16 17:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىمزالىغۇچى تەرەپلەرنى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئىران ئامېرىكا ئالدى بىلەن كېلىشىمگە رىئايە قىلمىدى، بىز قوللانغان تەدبىرلەر كېلىشىمدىكى ماددىلارغا ئۇيغۇن دەپ قارىدى

  ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى فىدېرىكا موگەيرىنى بايانات ئېلان قىلىپ، «بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى كېلىشىم رامكىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش، بىرلەشمە كومىتېت يىغىنىنى جىددىي ئېچىش كېرەك»دېدى. بىرلەشمە كومىتېتقا موگەيرىنى باشلامچىلىق قىلىدۇ، كېلىشىم ئىمزالىغۇچى تەرەپلەر قاتنىشىدۇ، ئۇلار كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنداق دېدى: ئىران كېلىشىم رامكىسى ئىچىدە قئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن چوقۇم سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇپ، كېلىشىمگە رىئايە قىلىشتىن ۋاز كەچىش ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ ئېيتىشىچە، ياۋروپا تەرەپ كېلىشىمدە قوشۇمچە قىلىنغان ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويمىغان. ئەگەر بۇ تەڭشەش مېخانىزمى مەغلۇپ بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى ئىرانغا قوللانغان بارلىق جازالاش تەدبىرلىرىئەسلىگەە كېلىدىكەن.

  ئامېرىكا بۇلتۇر 2015-يىلى ئىمزالانغان ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى، كېلىشىم ئىمزالىغۇچى تەرەپلەردىن نۆۋەتتە ئىراندىن باشقا يەنە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە جۇڭگو بار. ياۋروپا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇردى، لېكىن ئامېرىكىنى قايىل قىلالمىدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىراننى ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا قوللانغان جازاسىغا ئۇچراپ زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، كېلىشىمگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  ئىران كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ ئەڭ يۇقىرى زاپاس مىقدارى ۋە موللۇق دەرىجىسىنىڭ ييۇقىرىچېكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 60 كۈندىن كېيىن كئېلىشىمگە رىئايە قىلىشتىن يەنىمۇ ۋاز كېچىمىز دەپ ئاگاھلاندۇردى، بۇ ئىلگىرى چۇۋۇۋەتكەن سېنترىفۇگنى قايتىدىن قوزغىتىش، قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ موللۇق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ قاتتىق قوللۇق قىلىشى نۇرغۇن نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ دۆلەتىلەرئۇزاقتىن بۇيان ئىراننى رەقىب دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. ئىراننىڭ يەنە بىر دۈشمىنى ئىسرائىلىيە كۆپ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننى جازالىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ئۇرۇشقا ئايلانغىلى تاس قالدى. ئىران 6-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئوچۇق دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقانلىقىدا چىڭ تۇردى، ئارقىدىن ترامپ، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكىھەرپىي ھۇجۇمنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇردى؛ پارس قولتۇقىدا نۇرغۇن ماي پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئىراننى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ ھەقتە قۇسۇر چىقارماقچى بولدى، ئىران بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى.

  ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ھۈسەيىن نېزات 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى بازىسى ۋە ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇساپىسى دائىرىسى ئىچىدە. «ئامېرىكىلىقلار ئىران بىلەن ھەربىي قارشىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ ».

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم دىپلوماتىيە جەھەتتە جىددىي ياراشتۇرۇش ئېلىپ باردى، ئامېرىكا داۋاملىق ئەسكەر توپلاپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ئىراننى قامال قىلىدىغان ھەربىي ئىتتىپاق قۇردى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جوسوف دۇنفورد 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپىئو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دېدى: «بىز بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىتتىپاق قۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا قاراپ باقىمىز».

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاققا قاتنىشىش، قورال-ياراغ چىقىرىش، ھورمۇز بوغۇزى ۋە مانداب بوغۇزىدا چارلاش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.

  ئامېرىكا ئىلگىرى ئاۋىياماتكا ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى بۇ رايونغا ئەۋەتكەن. ئامېرىكىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا قوماندانلىق پاراخوتى بىلەن تەمىنلەش، باش بولۇپ ئاخبارات توپلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەر پاراخوت ئەۋەتىپ، ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىنى چارلاپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى قوغدايدۇ.

  ئامېرىكا ئىلگىرى ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھەرىكەت تەسەۋۋۇرىنى ئاشكارا مۇزاكىرە قىلغان، لېكىن تۇنجى قېتىم يەمەن بىلەن جىبۇتى ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل دېڭىز بىلەن ئادىن قولتۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان مانداب بوغۇزىنى تىلغا ئالغان.

  دۇنفوردنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان بىرلەشمە ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولسىمۇ، كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ماسلاشقانلار ئاز بولسا، بىز كىچىك تىپتىكى ھەرىكەت قىلىمىز، ئەگەر قاتنىشىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر كۆپ بولسا، بىز ھەرىكەت دائىرىسىنى يەنە كېڭەيتىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ