مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توقۇنۇشنى ئازايتىشقا ۋەدە قىلىندى، قاتار سۆھبىتى نەتىجىسى ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرالمايدۇ

2019.07.16 17:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنى قاتاردا ئىككى كۈن ئېچىلىپ،7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلاشتى. تالىپانلار ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستان زاتلىرى بىر باياناتتا توقۇنۇشنى ئازايتىشقا ۋەدە بەردى.

  تالىبان يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە ھۇجۇمنى توختاتمىدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ باياناتتىكى ۋەدىسىنى ئادا قىلىش-قىلالماسلىقى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس.

  يۆنىلىش كۆرسىتىلدى

  قاتار ۋە گېرمانىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن تەخمىنەن 70 تالىبان ۋەكىلى ۋە ئافغانىستاننىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدىكى زاتلار 7-ئاينىڭ 7-،8-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشتى.فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاش ۋە نازارەت قىلىش، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش، يارىلىنىش سانىنى نۆلگە چۈشۈرۈش، سەرسان- سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافغانىستاننىڭ رايون كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ياشانغان، مېيىپ ۋە قاماقتىكى كېسەللەرنى قويۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل، «ئافغانىستان ئاياللار تورى» نىڭ مۇدىرى مارى ئاكرامى مۇنداق دېدى: ئورتاق بايانات «كېلىشىم ئەمەس، بەلكى سۆھبەتنى باشلاشنىڭ ئاساسى». ھېلىمۇ ياخشى ئىككى تەرەپ ئۇنى ئېتىراپ قىلدى.

  تالىبان ۋەكىلى ئامىرخان مۇھتاجى ۋە ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبە سارابى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۇشتۇ تىلى ۋە دالى تىلىدا ئورتاق باياناتنى ئېلان قىلدى.

  قاتار ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 7-، ۋە 8-كۈنىدىكى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى سۆھبىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

  قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاللاھىدە ئەلچىسى مۇتلەق قەھتانى مۇنداق دېدى: «ئىختىلاپ كىچىكلىدى... سەمىمىييلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپ ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقاردى، بۇ بىزنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى»، يىغىنغا قاتناشقانلار تىنچلىق مۇساپىسى، چەتئەل قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش، سىياسىي مەھپۇزلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئافغانىستاننىڭ سىياسىي قارالمىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماركۇس پوزېل مۇنداق دېدى: ھالقىلىق نەتىجە شۇكى ئىككى تەرەپ زوراۋانلىقنى ئازايتىشقا ۋەدە بەردى. چەكلەش كۈچى يوقمۇ؟

  ئافغانىستان تىنچلىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتنىڭ قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس.

  ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ئانالىزچىسى، تور مۇتەخەسسىسى توماس رۇتىس مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بايانات چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنى سۆھبەت ھېسابلانمايدۇ، ھاسىل قىلىنغان كئېلىشىم«چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»گە تېخىمۇ ئوخشايدۇ.

  بىر داشۆنىڭ پىروفېسسورى زەينەپ مۇۋاھىد مۇنداق دېدى: بەزى ۋەكىللەر دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى، لېكىن تالىبان ۋەكىلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش ۋاقىت جەدۋىلى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىسا، ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلمايمىز.

  ئافغانىستان مەمۇرلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نادار نادىر مۇنداق دېدى: گەرچە ئىككى تەرەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تالىبان «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرمىدى»، چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ«مەسئۇل بولۇش شەكلى بىلەن چېكىنىپ چىقىشىغا قوشۇلمىدى».

  تىنچلىق يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە تالىباننىڭ ھۇجۇمى ئاجىزلاشمىدى. قوراللىق خادىملار 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ گازارمىسى ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بومبىسىنى پارتلىتىپ، 14 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 180 ئادەمنى يارىلاندۇردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان ئافغانىستاننىڭ يېرىمغا يېقىن زېمىنىنى كونترول قىلغان، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھۇجۇم قوزغىغان، ھۇجۇم ئاساسلىقى ئافغانىستان خەۋپسىزلىكقىسىمى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان.

  بۇ يول ئېچىشمۇ؟

  تىنچلىق يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرى دوھادا ئالتە كۈن سۆھبەتىلەشتى ئامېرىكىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، سۆھبەت «ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش»كە ئېرىشتى.

  ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 7-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، تىنچلىق يىغىنىغا «يول ئېچىلدى». سۆھبەت 7-ئاينىڭ 9 -كۈنى قايتىدىن باشلانماقچى بولدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنى ئامېرىكا بىلەن تالىبانلارنىڭ «داۋاملىق سۆزپىشىشى ئۈچۈن يول ئاچقان.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ كېيىنكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، كېلىشىم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسلىق تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن، يەنى تالىباننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چەت ئەل ئارمىيەسىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈلىدىكەن، تالىبان ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن «بازا» تەشكىلاتى ياكى باشقا ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالماسلىققا ۋەدە بەرگەن.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن تالىبان بەزى قىيىن تېمىلارغا چېقىلمايدىكەن، مەسىلەن تالىپان بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ سىياسىي مۇنبىرىدە قانداق رول ئوينايدۇ ھەمدە ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنى قاتارلىقلار.

  تالىبان ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ قورچىقى دەپ قاراپ، ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى رەت قىلدى. تالىبان بۇ قېتىم ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «شەخسىي سالاھىيىتى»نىلا ئېتىراپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ